باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد، مۇداپىئە ھەمكارلىقى

2014.05.08 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو فىرانسىيەدىكى زىيارىتىدە پىرېزىدېنت ھوللاندى بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو گېرمانىيە، ئەنگلىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيەدىكى زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن 4-ماي فىرانسىيەگە باردى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى 5-ماي ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو تېخنىكىسى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

  فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى سۆزىدە فىرانسىيە بىلەن ياپونىيە ئورناتقان ئالاھىدە شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئىقتىساد، بىخەتەرلىك ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ ساھە ئاساسىدا ئورنىتىلغان، دېدى.

  ھوللاندى مۇنداق دېدى: مەن فىرانسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد، بولۇپمۇ ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىدىن رازى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر فىرانسىيەدە تۆت يۈزدىن ئارتۇق ياپونىيە كارخانىسى، ياپونىيەدە تۆت يۈزدىن ئارتۇق فىرانسىيە كارخانىسى بار، ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش يېقىنقى بىرقانچە ئايدا ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، بولۇپمۇ ئۆتكەن بىر يىلدا ياپونىيە فىرانسىيەدە 30دىن ئارتۇق يېڭى تۈرگە مەبلەغ سالدى. ھوللاندى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، فىرانسىيە بىلەن ياپونىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە نۇرغۇن كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋىياتسىيە، خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەلىرى بار. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، فىرانسىيە بىلەن ياپونىيە مۇنداق ئۈچ جەھەتتە ھەمكارلاشتى: بىرىنچى، ئاۋىياتسىيە ساھەسىدە، ئايروباس شىركىتى بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىككى ئاۋىياتسىيە شىركىتى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كېلىشىم ئىمزالىدى. ئىككىنچى، خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە، فىرانسىيە بىلەن ياپونىيە كېلىشىم ئىمزالىدى، فىرانسىيە ياپونىيە فۇكۇشىما يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدا يۈزبەرگەن ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى چۇۋۇش جەھەتتە ياردەم بېرىدۇ؛ فىرانسىيە ياپونىيەنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرگە ئۆلچىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ بىخەتەر 4-ئەۋلاد يادرو ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىدۇ. ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە، ئىككى تەرەپ تېخنىكىلىق توقۇمىچىلىققا ئالاقىدار بىر كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ –بۇ ساھەدىكى يېڭىلىق يارىتىش بولىدۇ.

  ھوللاندى مۇنداق دېدى: ئىقتىساد ساھەسىدە، فىرانسىيە ياپونىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلغان ئەركىن سودا كېلىشىمىگە پائال تۈرتكە بولىدۇ. بۇندىن باشقا ئۇ يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش فىرانسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۇنجى قېتىم كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش مىخانىزمىنى ئورناتتى. بۇ قېتىم ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى ھەمكارلىقى جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېڭىشى مىخانىزمى ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى. دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقى جەھەتتە، ئىككى دۆلەت كۆپلىگەن ساھەلەردە، بولۇپمۇ ئادەمسىز ئايروپىلان سىستېمىسى جەھەتتە ھەمكارلىق مۇددىئاسىنى ئىپادىلىدى. شۇڭا ئىككى تەرەپ دۆلەت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى ھەمكارلىقى جەھەتتە ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. كېلەر قېتىملىق دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى كېلەر يىلى توكيودا ئۆتكۈزىلىدۇ.

  ھوللاندى يەنە مۇنداق دېدى: ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا مەسىلىسى، سۈرىيە مەسىلىسى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. فىرانسىيە ئافرىقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتى جەھەتتە ياپونىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلدى، ئابې شىنزومۇ ياپونىيەنىڭ 2015-يىلى فىرانسىيەدە ئېچىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن باشقا، ھوللاندى ئۇچرىشىشتا فىرانسىيەنىڭ ياپونىيە بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  فىرانسىيە ئابې شىنزونىڭ بۇ قېتىمقى توققۇز كۈنلۈك ياۋروپا زىيارىتىنىڭ كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنچى بېكىتى. ئۇ يەنە بىلگىيەنىڭ بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىككى تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر