باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %7.7 كە يېتىشىدىن ئۈمىد بار

2014.05.09 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش تەتقىقات يۇرتى، ئىجتىمائىي پەن ھۆججەت نەشرىياتى بىرلىشىپ 7-ماي ئېلان قىلغان 2014-يىللىق«مەبلەغ سېلىش كۆك تاشلىق كىتابى» دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2014-يىلى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان يىل، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى زىددىيەت ۋە مەسىلە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتتى، ئەمما ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شەھەر بازارلاشتۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەدبىرلەر ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن، 2020-يىلغىچە ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملاش كېرەك. 2014-يىلىدىكى تۈرلۈك ئىسلاھاتلار تەدرىجىي ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولماقتا. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي داۋاملىق مۇقىم ئاشىدۇ. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %7.7 كە يېتىشىدىن ئۈمىد بار. مەبلەغ سېلىش كۆك تاشلىق كىتابىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 30 يىللىق يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىدىن كېيىن، نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىدىن ئىبارەت تەبىئىي ئامىل، سىياسەت شارائىتى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولماقتا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يوشۇرۇن ئېشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئېشىشى ئاستىلىدى، يەر، بايلىق ۋە مۇھىت چەكلىمىسى زورايدى، دۇنيا ئىقتىسادىي چوڭقۇر تەڭشەلمەكتە، ئەمما ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا، يۇقىرىقى ئامىللارنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا، ئىقتىساد ئامىلىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستا تۆۋەنلەيدۇ، 2030-يىلىغىچە تەخمىنەن %6 كە تۆۋەنلەيدۇ، مۇشۇنداق سۈرئەتتە بولغان تەقدىردىمۇ يەر شارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر