شىنخۇا تورى ، ئابۇجا ، 7-ماي تېلېگراممىسى : نىگېرىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ماي ئابۇجادا 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا ئۇچرىشىشى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان توگو زۇڭتۇڭى فائۇرې ۋە مالى زۇڭلىسى مالا بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى .
لى كېچياڭ فائۇرې بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى : جۇڭگو بىلەن توگونىڭ دوستلۇقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالدىنقى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق ياراتقان قىممەتلىك بايلىقى . جۇڭگو تەرەپ توگو تەرەپ بىلەن بىللە ئەنئەنىۋى دوستلۇقى تېخىمۇ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، غەربىي ئافرىقا رايونى قاتناش ، سودا ۋە ئوبوروت مەركىزى بەرپا قىلىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشنى خالايدۇ .
لى كېچياڭ مالا بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى : مالى جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى قەدىناس دوستى ۋە ياخشى ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپ مالىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە مالىنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىنلىكى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ . جۇڭگو تەرەپ مالى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دېھقانچىلىق ، ئېلېكتىر كۈچى ، ئۇل ئەسلىھەلەر ، ئۇچۇر-ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئېچىپ ، ھەمكارلىق شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ .