باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يالغان دورا ياساپ سېتىشقا زەربە بېرىش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشى تۈزۈمى تەڭشەلدى

2014.05.09 10:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا يالغان ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىش سېتىشقا زەربە بېرىش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشى تۈزۈمىنى تەڭشەشكە قوشۇلۇش توغرىسىدا تەستىق سالدى. بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ باشلامچى ئورنى يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بولۇپ، ئۇيۇشتۇرغۇچى يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن ئۇيۇشتۇرغۇچى يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بولىدۇ. سودا مىنىستىرلىقى ئەزا ئورۇن بولىدۇ، ئەزا ئورۇنلار ئىچىدىكى سابىق سەھىيە مىنىستىرلىقى، سابىق رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، سابىق يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئايرىم ئايرىم سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىغا تەڭشىلىدۇ. مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى ئەزا ئورۇن بولمايدۇ. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەستىق سېلىپ يالغان ساختا دورىلارنى ياساپ سېتىشقا زەربە بېرىش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ خىزمەت قائىدىسىنى بىرلەشمە كېڭىشى پىرىنسىپ جەھەتتىن يىلدا بىر قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئېچىشى كېرەك دەپ تەڭشەشكە قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر