باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ جيارۈي ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى

2014.05.09 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۈي 4-مايدىن 7-مايغىچە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكا دىموكراتلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا پارتىيەلەر يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشىگە قاتناشتى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسېنگىر، يېڭى جېرسىي شىتاتىنىڭ باشلىقى كىرسىتى بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ جيارۈي 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاساسلىق روھىنى يەتكۈزدى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ ئامېرىكا، دۇنياغا نىسپەتەن خىرىس بولماستىن بەلكى پۇرسەت ئېكەنلىگىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا تەرەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات مۇساپىسىغا دىققەت قىلىدۇ، پارتىيەلەر سۆزلىشىشى ئارقىلىق، ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر