باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2014.05.09 10:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا باشلىقلىرى يىغىنى 7-ماي نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئابۇجادا ئېچىلدى. پۈتكۈل يەر شارىدىكى 70 دىن كۆپرەك دۆلەتتىن كەلگەن 900 دىن كۆپرەك سىياسىي ۋە سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە يولۇقۇۋاتقان خىرىسلارنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلدى.

  بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. «كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىش» بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى قىلىنىپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئېشىش قېلىپىنى قايتىدىن لايىھەلەش، مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ بۇرۇلۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ چوڭ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىنى قانداق قىلىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىغا تۇرتكە بولۇش ئۈستىدە ئىزدەندى.

  نىگېرىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگونىڭ باش مىنستىرى لى كېچياڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىنىڭ كەڭ قۇرساقلىق ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر