باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى: يېڭى مىللەت بېكىتىلمىدى، مىللەت سانى يەنىلا 56

2014.05.09 17:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى مەزگىلدە يېڭى مىللەت بېكىتىلمەپتۇ، دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ سانى يەنىلا 56 ئىكەن.

  بۈگۈن بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ «سىچۈەنگە ياتلىق بولغان <چۈەنچىڭ> قىزى گو دەننىڭ كىملىكىدىكى مىللەت تەركىبى دېگەن يەرگە <چۈەنچىڭ> دەپ يېزىلغانلىقى، <چۈەنچىڭ>نىڭ 56 مىللەتكە تەۋە بولمىغان باشقا بىر مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ خەنزۇ مىللىتىگە تەۋە ياكى ئەمەسلىكى تېخى بېكىتىلمىگەنلىكى» ھەققىدىكى خەۋىرىگە قارىتا، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى يېقىندا يېڭى مىللەت بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر