8-ماي، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ نىگېرىيەدىكى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى. شۇ كۈنى، زۇڭلى لى كېچياڭ 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا ئۇچرىشىشى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئابۇجادىن ئايرىلدى. نىگېرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋال، ئەمگك ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋوگ ئايرۇدۇرۇمدا ئۇزىتىپ قويدى.