باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئافرىقىدىكى تۆت دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.09 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ رۇئانغا يېتىپ كېلىپ ئانگولادىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي ئابۇجادىن بەرگەن خەۋىرى: نىگېرىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ماي ئابۇجادا 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئافرىقىدىكى ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشقان توگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى فائۇرې، مالى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مارلا بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي ئابۇجادىن بەرگەن خەۋىرى: نىگېرىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلەت زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ماي ئابۇجادا 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئافرىقىدىكى ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشقان تانزانىيە زۇڭتۇڭى كىكۋېت، بېنىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى يايى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى. (ۋۇ لېجۈن، جياڭ ئەنچۈەن، لى لياڭ خەۋىرى)

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي رۇئاندادىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئانگولا زۇڭتۇڭى دوس سانتوسنىڭ تەكلىپى بىلەن، شۇ يەر ۋاقتى 8-ماي چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ رۇئاندا 4-فېۋرال خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى ھەمدە ئانگولادىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ خانىمى چېڭ خۇڭمۇ شۇ ئايرۇپىلاندا بىرگە باردى. (ۋۇ لېجۈن، جاڭ جيەنبو خەۋىرى

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر