- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن يېڭىدىن يەتتىسى كۆپەيدى
2014.05.09 16:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەملىكەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى دۆلەت A4 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى تېزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم باھالاشتىن ئۆتكەن A4 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 198ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ رايونىدا يەتتىسى بار. ئۇلار ئىلى ئوبلاستى توغلاسۇ مەنزىرە رايونى، ئىلى ئوبلاستى سۇلۇق قەدىمىي تېرەكلىك مەنزىرە رايونى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنجاڭ تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى، قەشقەر ۋىلايەتلىك قىزىل دېڭىز ساھىلى ساياھەت مەنزىرە رايونى، چۆچەك ۋىلايەتلىك بارلۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دولان قەبىلە رايونى قاتارلىقلار.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر