- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 4-ئايلىق ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى، ئۆسۈش نىسبىتى %2تىن تۆۋەن بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە
2014.05.09 17:21 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن 4-ئايلىق ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى. نۇرغۇن ئاپپاراتلارنىڭ مۆلچەرىچە، يېمەكلىك باھاسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ تەسىرىدە ئۆسۈش نىسبىتى %1.9 ئەتراپىدا بولۇپ، %2تىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.3 ئاشقان، 1-ئايدىن 3-ئايغىچە ئېشىش نىسبىتى %2.5، %2، %2.4 بولغان. نۇرغۇن ئاپپاراتلارنىڭ مۆلچەرىچە، يېمەكلىك باھاسىنىڭ خېلى زور نىسبەتتە چۈشۈشىنىڭ تەسىرىدە، 4-ئايلىق ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %1.9 ئەتراپىدا بولۇپ، %2تىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر