- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مېترو بېلەت باھاسىنىڭ 3 يۈەندىن باشلىنىشى پەقەتلا بىر پەرەز
2014.05.09 17:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، تۈنۈگۈن «بېيجىڭ مېترو بېلەت باھاسى تەڭشەلدى» دېگەن خەۋەر توردا تارقىلىپ، مۇساپە ۋە ۋاقىتقا قاراپ ھەق ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن، بېلەت باھاسى 3 يۈەندىن 5 يۈەنگىچە بولىدىكەن دېيىلگەن. بۇنىڭغا قارىتا، شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاممىۋى قاتناش بېلەت باھاسى ئىسلاھاتى مەسىلىسى يەنىلا مۇھاكىمە قىلىنماقتا، ھازىرچە كونكرېت لايىھە يوق دەپ كۆرسەتتى. لېكىن بېيجىڭ رېلىسلىق قاتناش يولى تورىنى باشقۇرۇش شېركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرېكتورى سۈن فاڭ تۈنۈگۈن توردا ئېقىپ يۈرگەن ئالاقىدار چارە ئاخىرقى لايىھە بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەتلا ئۈسكۈنىنىڭ قوللىنىشچانلىقى ۋە بېلەت باشقۇرۇشنىڭ قوللىنىشچانلىقى ھەققىدىكى لايىھەدىنلا ئىبارەت دېدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر