- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سەئۇدى ئەرەبىستانى چېگرا ئىچىدە بازا تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇم قىلىش سۇيىقەستىنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى
2014.05.09 10:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەنگلىيە رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەنسۇر تۇرجى يېقىندا مۇنداق دېگەن: سەئۇدى ئەرەبىستانى چېگرا ئىچىدە بازا تەشكىلاتى شايكىلىرىنىڭ يەمەن، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەسەبىيلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى قەستلەش سۇيىقەستىنى ئاشكارىلىدى.
تۇرجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۇرىيەدىكى ئۇرۇشنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت توردىكى ئەسەبىي ھەرىكەتلەر ۋە ئۇچۇرلارنى بايقىدى. ئالاقىدار ئەمەلدارلار 2003 ۋە 2006-يىللىرى بازا تەشكىلاتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىشدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى توردىكى گۇمانلىق ھەرىكەتلەرنى داۋاملىق نازارەت قىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر