باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىلى نامرات رايونلاردىكى دېھقانلار نامراتلىقتىن تىز سۈرئەتتە قۇتۇلدى

2014.05.08 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە: 2013-يىلى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە ۋە مەركەزلىك تۇتاشما نامرات رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات رايونلار يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 5519 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن787 يۈەن كۆپىيىپ، %16.6 ئاشقان. باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئەمەلىيەتتە %13.4 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە يېزىلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 4.1 پوئىنت يۇقىرىلىغان. كېرىم قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە كەسىپنىڭ زور كۆلەمدە يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، نامرات رايونلار سانائىتى تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتكەن.

  يېزا ئىگىلىكىدە بولمىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە مائاش سەۋىيىسىنىڭ بىر قەدەر تىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، 2013-يىلى نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2269 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%22.7 ئېشىپ، پۈتۈن بىر يىللىق كىرىمگە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى%53.3 گە يېتىپ، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاساسى مەنبەسىگە ئايلانغان. يۆتكىلىش خاراكتېرلىق كىرىمنىڭ تىز سۈرئەتتە ئېشىشىمۇ يارقىن نۇقتا بولغان. 2013-يىلى نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يۆتكىلىش خاراكتېرلىق كىرىمىنىڭ ئېشىشى%21 گە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزىلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 6.8 پوئىنت يۇقىرى بولۇپ،كىشى بېشى كىرىمى535 يۈەنگە يەتكەن. تېرىقچىلىق نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى. 2013-يىلى كۆپ خىل مۇقىم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتىنىڭ رولى ئارقىسىدا نامرات رايونلاردا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى مۇقىم ئاشقان؛تېرىقچىلىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى 1597 يۈەنگە يېتىپ، %9.2 ئېشىپ،ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە يېزىلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 5.2 پوئىنت يۇقىرى بولغان. بۇ نامرات رايونلاردىكى ئائىلىۋى ئىگىلىك ساپ كىرىمىنى%11.3 ئاشۇرۇپ، كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى 2636گە يەتكۈزگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر