باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى

2014.05.08 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى ئودېسسا شەھرىدە ئېغىر قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، شەرقىدىكى سېلاۋېيەنسېك شەھىرىدە يۈز بەرگەن كەسكىن ئۇرۇشتا نەچچە ئون كىشى قازا قىلغان. ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىشى غەرب دۆلەتلىرىنى ئۇكرائىنادا تېزدىن ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىگە سالدى.

  ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋاكوف مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيەپەرەسلەر سېلاۋېيەنسېك شەھىرىدە كەسكىن توقۇنۇشتى. 30 دىن ئارتۇق قوراللىق كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى ۋە نەچچە ئون كىشى يارىلاندى. ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تۆت ئەسكىرى ئۇرۇشتا قازا قىلدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر تىك ئۇچارىمۇ ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. ئۇ توپىلاڭچى ئارمىيەنىڭ ئەزالىرى تاشقى ياردەمگە ئىگە بولدى،بۇ رۇسىيە ۋە چېچىنىيە رايونى ھەمدە قىرىمدىن كەلگەن قۇراللىق كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شەھەر مەركىزىدىكى نەچچە يۈز مىڭ ئاممىنىڭ سېلاۋېيئەنسېكتا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قورشاۋىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، 6-ماي يەنىلا نورمال ھەرىكەت قىلغانلىقىنى كۆردى. بىراق شۇ جايدىكى كېيىۋغا قارشى تۇرغۇچىلار كوچىلاردا دەرەخ شاخلىرى ۋە بالون ئارقىلىق توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ شەھەر مەركىزىگە كىرىشىنى توسىدى.بۇنىڭدىن باشقا، دونتسېك شەھىرى 6-ماي بارلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋە قونۇشىنى ۋاقتىنچە توختاتتى. دائىرىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى دېمىدى. دونتسېك شەھىرىنىڭ نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئۇ ئۇكرائىنادىكى مۇھىم سانائەت شەھىرى.

  جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى ئودېسسادا جۈمە كۈنى كەسكىن توقۇنۇش بولدى، كېيىۋپەرەسلەر بىلەن رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ توقۇنۇشىدا 40 نەچچە كىشى قازا قىلدى، ھەمدە ئۇكىرائىنادىكى يېقىندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ۋەقە دەپ ھېسابلاندى.

  ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت كېيىۋنىڭ ئەتراپىدا توسالغۇ پەيدا قىلىپ، توقۇنۇشنىڭ پايتەختكىچە كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ تۇرچىنوف مۇنداق دېدى: رادىكال كۈچلەر ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتكە ئۇرۇش قوزغىدى، شۇڭا ھۆكۈمەت تاجاۋۇزچىلارنى چېكىندۈرۈش تەييارلىقىنى كۆرۈشى كېرەك.

  دائىرىلەر كېيىۋ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ھوشيارلىقنى كۈچەيتىپ، رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ 9-ماي ئۇكرائىنادا 2- دۇنيا ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە مالىمانچىلىق چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  نۆۋەتتە، خەلقئارا دىپلوماتىيىسىنىڭ ياراشتۇرۇشى داۋاملاشماقتا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا قاتارلىق 30 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 6-ماي ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋېئېنادا ياۋروپا كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكېمون ياراشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، گېرمانىيەمۇ جەنۋەدە ئامېرىكا، ياۋروپا، رۇسىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىقلارنىڭ 2-نۆۋەتلىك تۆت تەرەپ سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ ۋېئېنادا مۇنداق دېدى: جەنۋەدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۆز ئورنىدا ئۇسۇل ئويناشقا ئوخشاش، ئۇكرائىنادىكى رۇس تىللىق رايوننىڭ ۋەكىللىرىنى قاتناشتۇرغاندىلا سۆھبەتتە ئىلگىرلەش قولغا كەلتۈرۈشتىن ئۈمىد بولىدۇ. گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستايېنمېيىل 6-ماي ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى ئۇرۇش قىلىش چېكىگە بېرىپ قالدى. ئودېسسادىكى قانلىق توقۇنۇش ھازىر ھەربىي قارشىلىشىشقا بىر نەچچە قەدەملا قالغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر دۆلەتنىڭ بېررۇسسېلدا تۇرۇشلۇق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭچە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 2-ماي ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرگە ھۇجۇم قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇكرائىنادا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. 2- ماي ئۇكرائىنا كىرىزىسىدە سۈپەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغان كۈن.

  رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كېرىموف ئودېسسا ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشنى ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى دېيىشكە بولىدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر