باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ نىگېرىيەنى زىيارەت قىلغاندا جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇش گۇرۇھىغا 80 مىليارد يۈەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردى

2014.05.08 19:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گۇرۇھ قارىمىقىدىكى جوڭتۇ گورۇھى ۋە نىگېرىيە قاتناش مىنىستىرلىكى نىگېرىيە دېڭىز بويى تۆمۈر يول تۈرى رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان، جەمئى سوممىسى 80 مىليارد 779 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ، پۈتۈن لېنىيە بويىچە جۇڭگونىڭ تۆمۈر يول تېخنىكا ئۆلچىمى قوللىنىدىغان بولۇپ، بۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى قۇرۇلۇش رېكورتىنى يېڭىلايدۇ. بۇ قۇرۇلۇش نىگېرىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى بولغان لاگوستىن باشلىنىپ، شەرقىي جەنۇب قىسمىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان كالابا شەھىرىدە ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، تاق لېنىيە بويىچە ھېسابلىغاندا 1385 كېلومېتىر كېلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر