- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىز 530خىل تۆۋەن باھالىق دورىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى بىكار قىلدى
2014.05.08 15:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 8-ماي دورا كارخانىلىرىنىڭ تۆۋەن باھالىق دورا ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىغا مەدەت بېرىش، بىمارلارنىڭ يۇقىرى باھالىق دورا ئىشلىتىش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، دۆلەت 280 خىل تۆۋەن باھادىكى غەربچە دورا ۋە 250 خىل تۆۋەن باھادىكى جۇڭگوچە تېبابىتى تەييار دورىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى بىكار قىلدى، ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار غەربچە دورىلارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە راسخوتىنى 3يۈەندىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، جۇڭگوچە تېبابىتى تەييار دورىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە راسخوتىنى بەش يۈەندىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئۆزى باھا بېكىتسە بولىدۇ.
تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق سەككىز تارماقنىڭ تۆۋەن باھالىق دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەلىپى بويىچە، يۇقىرى باھالىق دورىلارنى مۇۋاپىق ئىشلەتمەسلىك تىزگىنلىنلىدۇ، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى باھاغا مەسئۇل تارماقلار بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن ئىلگىرى جەمئىيەتكە شۇ دەرىجىدىكى باھا بېكىتىش دائىرىسىدىكى تۆۋەن باھالىق دورا ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر