باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لىياۋ شاۋخۇانىڭ ئىنتىزام، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى تەكشۈرۈلمەكتە

2014.05.08 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، زۇنيى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى لىياۋ شاۋخۇانىڭ ئىنتىزام، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لىياۋ شاخۇا خىزمەتتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈپ نۇرغۇن پارا ئالغان. ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، دۆلەتنىڭ مالىيە مەبلىغىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتقان. لىياۋ شاۋخۇانىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن ئىنتىزام قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ھەمدە جىنايەت شەكىللىنىدۇ. «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قاراپ چىقىش ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق، لياۋ شاۋخۇانى پارتىيەدىن قوغلاش، ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى، ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىلىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. يېقىندا ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، زۇنيى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى لىياۋ شاۋخۇانى پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، قانۇن بويىچە ئۇنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەمدە قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلغانىدى. دېلونى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر