باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەر سۇرىيەنىڭ كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.05.06 08:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان ئىئوردانىيە، تۈركىيە، ئىراق، لىۋان ۋە مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن ئىئوردانىيەنىڭ مافراق ئۆلكىسىنىڭ زارتلى مۇساپىرلار لاگېرىدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا تەدبىر قوللىنىپ سۇرىيە كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش مۇراجىئەت قىلىندى.

  ئىئوردانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇدا يىغىندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى سۇرىيە كرىزىسىدىن پەيدا بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش. سۇرىيە كرىزىسىنى پەقەت سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپەتلىرىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 2011-يىلى سۇرىيەدە كرىزىس پارتلىغاندىن بۇيان، تەخمىنەن 2 مىليون 700 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىر قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىپ كەتكەن. مۇساپىرلار سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ يۈكى ئېغىرلاپ كەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر