- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
2015-يىللىق جۇڭگونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش تۈرى بېكىتىلدى
2014.05.07 16:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا رەسمىي ئىلتىماس سۈنۈپ، شىيەنفىڭ تاڭيا تۇسى شەھىرى، خۇنەن لاۋسى شەھىرى ۋە گۇيجۇدىكى خەيلوڭتۈن خارابىسى بىرلەشمە ۋەكىللىكىدىكى تۇسى خارابىلىقىنى جۇڭگونىڭ 2015-يىللىق دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىشنى بېكىتتى. دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تاللانغان مىراسلار چوقۇم ئومۇميۈزلۈك قىممەتكە ۋە ئىجادچانلىققا، تارقىتىشچانلىققا ۋە تارىخى گۇۋاھلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك، تۇسى شەھىرى خارابىلىقى قەدىمى شەھەر مىراسلىرى بۇ يىلقى ئىلتىماس تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسلىقى ساقلىنىشى چوڭ، مۇكەممەل، كۆلەملىك، مول تۈسى مەدەنىيەت ۋەكىللىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇلار مەركىزى ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي جەنۇبتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە باشقۇرۇش ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداشتا گەۋدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر