باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا پارلامېنتى بىر قىسىم سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش بۇيرۇقىنى تەستىقلىدى

2014.05.08 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا پارلامېنتى 6-ماي پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەۋاتقان پارلامېنت باشلىقى تۇرچىنوفنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىمزالىغان سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش بۇيرۇقىنى تەستىقلىدى. بۇيرۇق تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى. ئۇكرائىنانىڭ سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش پىلانىدا بېكىتىلگەن كۆلەم بويىچە قوراللىق كۈچ، خەلق قوغدىنىش ئارمىيەسى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى قاتارلىق ھەربىي ئىشلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ بۇيرۇققا ئاساسەن، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى مەبلەغ جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەمدە سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت ھەر قايسى كارخانىلار ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئەسكەرلەرنى دەل ۋاقتىدە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئۇكرائىنا پارلامېنتى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇرچىنوف قول قويغان تۇنجى قېتىملىق بىر قىسىم سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش بۇيرۇقىنى تەستىقلىغان ئىدى. بۇ بۇيرۇقنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى ئاخىرلاشتى، مەملىكەت ئىچىنىڭ نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى يەنە بىر قىسىم سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر