باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سىمسىز تېلگرافنى باشقۇرۇش نىزامى تۈزۈتىلمە نۇسخسىدىن پىكىر ئىلىش باشلاندى

2014.05.07 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى 6-ماي «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سىمسىز تېلگرافنى باشقۇرۇش نىزامى تۈزۈتىلمە نۇسخسى»غا ئاشكارا پىكىر ئالدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تەستىقلاتلاتماي، ئۆز ئالدىغا سىمسىز تېلگراف چاستوتسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىسى بايلىقىنى ئىشلىتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا: سىمسىز تېلگراف چاستوتسى بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىمسىز تېلگراف كاشلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سىمسىز تېلگراف ئېلىكتىر ماگېنتى مۇھىتىنى قوغداش، سىمسىز تېلگراف تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمە چىقىرىلدى ھەمدە سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتا بايلىقىنى باشقۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار كۆپەيتىلدى.

  مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەر 2014-يىلى 6-ئىيۇندىن بۇرۇن جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئۇچۇرى تورىغا كېرىپ، خەت ۋە ئېلېكتىرونلۇق يوللانما قاتارلىق شەكىل بىلەن پىكىر بەرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر