باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو ئافرىقا ئىقتىساد-سودا،ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئەربابلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.05.07 17:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن ئېفوفىيەدە جۇڭگو ئافرىقا ئىقتىساد-سودا،ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئەربابلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مەقسەت-خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش. كەلگۈسىدە تېخىمۇ يېقىندىن سېڭىشكەندىلا جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقى ئاندىن تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلالايدۇ. لى كېچياڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىنى ئىقتىساد سودا ۋە ئادىمىيەت سۆھبەت يىغىنى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ئىككى ئىش بىر قانچە يىللار ئىلگىرى بەلكىم ئىككى ئىش بولۇشى مۇمكىن، ھازىر بىرىكىپ كەتتى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ بىرىكىپ، جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان چاق بولىدۇ، چاق بولغاچقا ئۇلار تېخىمۇ بىرلىشەلەيدۇ، مەقسەت- مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش بولۇپلا قالماستىن بەلكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش. سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئىچىدىكى ئافرىقا يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە چېتىشلىق بولغان ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى لى كېچياڭغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ پىشقان يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىغا تايىنىپ، بىز شۇ يەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولغان مەھسۇلاتقا ئېرىشتۇق. بىراق يەنە كېلەر قەدەمدىكى سىناققىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز. ھازىر ئۇرۇق سورتىنى ياخشىلاش تېخنىكىسى بىلەن ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك جابدۇقلىرى، يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنى ئافرىقا ئەكىلىش كېرەك. بازارنى مەركەز، ھۆكۈمەتنى سەھنە قىلىپ، ھۆكۈمەتنى ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلىدىغان ئىستراتېگىيەنى تۈزۈشكە پائال يېتەكلەش كېرەك.

  لى كېچياڭ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: تېخنىكا ھەمكارلىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز. مەن ئىلگىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر بىلەن تېرىقچىلىق مەسىلىسىنى سۆھبەتلەشكەنىدىم، ئۇلار بىلەن بۇغداي تېرىقچىلىقى جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇق سورتلىرىنى سېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىغانىدىم، نەتىجىسى قوبۇل قىلغۇسىز بولۇپ چىقتى، قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ ئاساسلىق شەرتى بولسا، ئۇلارغا بىر قەدەر ئەرزان باھا بىلەن ئۇرۇق سېتىپ بېرىش، 2-يىلى ئۇلارچېكىنىپ چىقتى. جۇڭگو ئافرىقىغا ھەرگىز بۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ. بىز تېخنىكىمىزنى بولۇپمۇ شالغۇت شال تېخنىكىسىدىن ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇپ، ئافرىقىنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر