باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يادروسىز رايون قۇرۇش شەرتنامىسىنىڭ كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى

2014.05.08 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە ، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەدىن ئىبارەت يادرو قوراللىرىغا ئىگە بەش دۆلەت بىلەن قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يادروسىز رايون قۇرۇش شەرتنامىسىنى تۈزگۈچى دۆلەتلەر 6-ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يادروسىز رايون قۇرۇش شەرتنامىسىنىڭ كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لىيۇ جىيى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كېلىشىمنامىنى ئىمزالىدى، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋەكىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كېلىشىمنامىنى ئىمزالىدى.

  ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يادروسىز رايون قۇرۇش شەرتنامىسىنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى قازاقىستاننىڭ شەرقىدىكى سېمىپالاتىنىسك شەھىرىدە ئىمزالىغان ھەمدە 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان، شەرتنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شەرتنامىنى تۈزگۈچى دۆلەتلەر يادرو سىنىقىنى ئىلىپ بارمايدۇ، يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلمايدۇ، ئىشلەپچىقارمايدۇ، يادرو قوراللىرىنى ۋە باشقا يادرو پارتلىتىش بۇيۇملىرىنى ساقلىمايدۇ ، يادرو قوراللىرىغا باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىگە بولمايدۇ ۋە كونترول قىلمايدۇ. ئۇندىن باشقا، شەرتنامىنى تۈزگۈچى دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يادرو رېئاكتىپلىق ماتېرىياللىرىنى ساقلىشىغا يول قويمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر