- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


‹‹23-ئاپرېل›› ئۈششۈك ئاپىتىدە، شىنجاڭدا زىيان ئېغىر بولدى
2014.05.04 16:33 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
23-ئاپرېلدىكى ئۇدا 12 سائەت چىققان بوران ۋە قېلىن قار ئاقسۇ ، تۇرپان ، قەشقەر ، قاراماي ، ئۈرۈمچى قاتارلىق 13 ۋىلايەت-ئوبلاست ، شەھەردىكى 45 ناھىيە ، شەھەردىكى زىرائەتلەرنى كەڭ دائىرىدە زىيانغا ئۇچراتقان . ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، 28-ئاپرېلغىچە ، بۇ قېتىملىق ئاپەتتە سۇغۇرتا زىيىنى 323 مىليون 900 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، 2007-يىلى سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سوغۇرتىسى ئېچىلغاندىن بۇيان زىيان ئەڭ كۆپ بولغان .
جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈشىچە ، بۇ قېتىملىق قاتتىق بوران ۋە ئۈششۈك ئاپىتى شىنجاڭدىكى 13 ۋىلايەت ، 8 شەھەر، 29 ناھىيەگە چېتىلىدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە سانجى ، بورتالا ، تارباغاتاي ، شىخەنزە ، بايىنغۇلىن ، ئاقسۇ ، كۇيتۇن ، قەشقەر ، قاراماي قاتارلىق جايلارغا تېرىلغان كېۋەز كۆپرەك زىيانغا ئۇچرىغان، بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىكى كېۋەزلەر ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ ، قالغان ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىكى بۇغداي ، قوناق ، پارنىك ۋە قوغۇن-تاۋۇز زىيانغا ئۇچرىغان ، قومۇل ۋىلايىتىدىكى قوغۇن ، چىلان تۈرىدىكى مېۋىلەر زىيانغا ئۇچرىغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر