باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېڭ جيەنجۇ:يېڭى ۋەزىيەتتە جەمئىيەتنىڭ ئېناقلىقى مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم

2014.05.07 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى 6-ماي سىياسىي قانۇن رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش 2- باسقۇچلۇق مەخسۇس تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي قانۇن رەھبىرىي كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇپ، ئومۇمىيلىقنى تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇتۇش لازىم. ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك.

  يېڭى ۋەزىيەتتىكى جەمئىيەتنىڭ ئېناقلىقى مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. مېڭ جيەنجۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەركەزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم جاينى چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق قول بولۇپ، زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر