- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ش ئۇ ئا ر مالىيەسى 19مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپكە ئېھتىياجلىق ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلىدى
2014.05.04 16:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2014-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مالىيەسى 19مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپكە ئېھتىياجلىق ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلىدى، ھازىر بۇ تۈر مەبلىغى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 10 تۈر ئالى مەكتىپىگە ئاجرىتىپ بېرىلدى، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى جىددىي ئېھتىياجلىق 36 نۇقتىلىق كەسىپ تولۇقلىمىغا ئېرىشتى. 2008-يىلدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ 139مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلىدى. 2011-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر، يۇقىرى ساپا ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارغا بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇش ئۈچۈن، «ئاپتونوم رايوندىكى ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەر ئىختىساس ئىگىلىرى كەمچىل نۇقتىلىق كەسپىلەر 2-نۆۋەتلىك قۇرۇلۇش پىلانى»نى باشلىغان بولۇپ، 14 كەسىپ تۈرى ئىچىدە 36 تولۇق كۇرۇس، مەخسۇس كۇرۇس كەسپىنى قوللاپ، كەسپىي ئاساسى شارائىت، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدارى ۋە پەن-تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق كۈچەيتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر