- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياۋروپا كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۇكرائىنا كرىزىسىنى مەركەزلىك كېڭەشتى
2014.05.08 08:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياۋروپا كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 6-ماي ئاۋستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋېنادا ئېچىلدى. رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنىستىرى دېشچا ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 30 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئۇكرائىنا كرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە كېڭەشتى.
ياۋروپا كومىتېتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ئاۋستىرىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۇرسى يىغىننىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلەر يىغىنىدا ياۋروپا كومىتېتىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ 25-ماي ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقى، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاندىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بىرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر