- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خۇا چۈنيىڭ:جۇڭگو ياپونىيىنى ئاسىيادىكى قوشنىلىرى ۋە خەلقئارانىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ
2014.05.07 16:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 6-ماي قەرەللىك يىغىن ئاچقاندا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرنىڭ خەۋەرلەرگە قارىغاندا ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى يېقىندا ياۋروپادا زىيارەتتە بولغاندا ياپونىيە گېرمانىيىنىڭ تارىخى مەسىلىدە ئەپۇ سورىشىنى دورىمايدۇ دېدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى سۆز ياپونىيە رەھبىرىنىڭ تارىخقا بولغان خاتا قارىشىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ تارىخقا توغرا قاراش سەمىمىيىتىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە رەھبەرلىرى ئىلگىرىكى تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى ھەقىقىي توغرا تونۇپ ۋە بۇنى چوڭقۇر ئويلاپ، مىللىتارزم بىلەن بولغان چەكنى ئايرىش ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياپونىيىنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ مۇھىم سىياسىي ئاساسى. شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش، جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ تۆت سىياسىي ھۆججىتىنىڭ پرىنسىپى ۋە روھى. جۇڭگو ياپونىيىنى تارىخنى ئەينەك قىلىپ ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خاتالىقىنى تۈزىتىپ،ئاسىيادىكى قوشنىلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىگە يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىدۇ. بۇ بىردىن بىر توغرا چىقىش يولى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر