باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا نامراتلارنى يۆلەش ۋە يېزا ئىگىلىكى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.05.07 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ 4-مايدىن 6-مايغىچە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا نامراتلارنى يۆلەش ۋە يېزا ئىگىلىكى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ قىيىن نۇقتىسى. مەسئۇلىيەتچانلىق، جىددىيلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيىۋى كۆز قاراشتا بۇرۇلۇش ياساپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئېنىق ئۆلچىمىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ۋاقىتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامرات نوپۇسقا ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئۆز يېرىگە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، نوپۇسقا ئاساسەن سىياسەتنى يولغا قويۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىش كېرەك. گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزىلارنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنى نامرات ناھىيىلەرنى باھالاشنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى قىلىپ، چەكلەش ۋە چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر