باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ھەر ساھە ئەربابلىرى تەرەققىياتنى ئۈچتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دېگەن سۆزنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى(2)

2014.05.07 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ جىيۈەن مۇنداق دېدى: باش سېكرېتار شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرغا قويۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى كۈنلىرىنىڭ بارغانچە ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندى.

  جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىركىتى تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى شيوڭ جيەنگو مۇنداق دېدى: باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ئوتتۇرغا قويغان ئۈچتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كارخانىلارغا يېڭى تەلەپ قويدى. شىركىتىمىز مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، بايلىقنى ئېچىپ ھەر مىللەت ئاممىسىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گىلەم توقۇش، ئالاھىدە قۇرۇق مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خوتەن بالىم سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئۇبۇلجان مۇنداق دېدى: باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ئۈچتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرغا قويدى، بىز شىنجاڭدىكى ئەمگەكنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى، مۇقىملىققا كۈچ سەرپ قىلىپ، مۇقىم، ئىتتىپاق، ئىناق كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر