باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ھەر ساھە ئەربابلىرى تەرەققىياتنى ئۈچتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دېگەن سۆزنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى(1)

2014.05.07 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات يەنىلا شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، بۇنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇددا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى ئەربابلار ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان تەپەككۇرنى يېڭىلاپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى دەپ مۇنازىرە قىلىشتى.

  شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسىنىڭ باشلىقى ئەزىمەت ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دېگەن سۆزىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى گەۋدىلەندۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش- شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئاساسىنى تۇتقانلىق.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى راۋگوپىڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى باش ئاچقۇچ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، مۇقىملىقنىڭ ئاساسى. بانكىمىز ھۆكۈمەت بىلەن بازار ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ، مەسئۇلىيەتنى قەيسەرلىك بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى تەرەققىيات يولىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر