باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش سېكرېتار شى جىنپىڭ سۇڭ چۇيۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.07 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 7-ماي چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ تارىخ ئېقىمىغا ماس ھالدا چىقارغان ئورتاق تاللىشى. ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگەن قاراشنى چىقىش قىلىپ، باشقىلارنى چۈشىنىپ، سەمىمي مۇئامىلە قىلغاندا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە، يەڭگىلى بولمايدىغان قېيىنچىلىق بولمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىزنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش فاڭجىن سىياسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ئورتاق غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەلىي تەدبىرىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە كۆرەش قىلىش سەمىمىي قىزغىنلىقىمىز ئاجىزلىمايدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۈيقەستىنى توسۇش قەتئىي ئىرادىمىز تەۋرەنمەيدۇ. بىز تەيۋەن جەمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ خاتىرجەم بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈشۈشتە شى جىنپىڭ سۇڭ چۇيۈ ۋە خەلقپەرۋەر پارتىيىسىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئوينىغان رولىغا يۈكسەك باھا بەردى. خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ بىر جۇڭگو مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۈيقەستىگە داۋاملىق قارشى تۇرۇپ، تەيۋەندىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  سۇڭ چۇيۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقپەرۋەر پارتىيىسىنىڭ ئىككى قىرغاق بىر جۇڭگو بولۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» غا قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىي ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن قاراشقا ئاساسەن، ئىككى قىرغاقنىڭ سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، قېرىنداشلىق ھىسسىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئورتاق نىشانى ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر