باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجياڭدىكى كادىرلار خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى خەلق رايى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2014.05.07 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت تەكشۈرگەن ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، ھەر بىر جايغا بارغاندا ۋە سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندا تەرەققىيات، ئىسلاھات، خەلق تۇرمۇشىنى سۈرۈشتۈردى ھەمدە تەرەققىياتنىڭ شىنجياڭنىڭ بارلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى، بۇنى چوقۇم چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى، تەرەققىي قىلىشنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشكىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىملىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

  شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان كەينى-كەينىدىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىكى تەلەپلەرنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقي ھالدا خەلق رايى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىياتنى تۇتۇش ئارقىلىق، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىغا ئىش ۋە كىرىم قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئۈمىد ئاتا قىلىمىز.

  2014-يىلى شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 25 خىل، 150 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىنى بېكىتتى. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تاللاشتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلق تۇرمۇشى ئاساسىي شارائىتىنى ياخشىلاش، ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ قاپلىنىش ۋە نەپكە ئېرىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىم.

  شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا، «گۈل ئۈستىگە گۈل چېكىشكە ئەمەس، قار ياققاندا كۆمۈر يەتكۈزۈپ بېرىش شەكلىگە تېخىمۇ بەكتەك ئەھمىيەت بېرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن ئامما جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان بىر قىسىم تۈرلەر ياكى ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ياشاش، تەرەققىي قىلىشىغا چېتىلىدىغان تۈرلەر ئالدى بىلەن ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.

  ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىششىغا تۈرتكە بولۇش شىنجياڭدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ، مۇقىملىقنىڭ ئاساسىي بولۇپ، بۇ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامرات، قالاق ھالەتنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم بىر ھالقا. بۇ يىل شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىش، بولۇپمۇ ئازسانلىق مىللەتلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى شىنجياڭنى بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجياڭنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلدى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى ۋاڭ يۇڭجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي شىنجياڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يىرىك پىشىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئەمگەكنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان كەسىپلەر ۋە مىللىيچە كارخانىلارنى ئىشقا ئورۇنلىششىنى كۆپەيتىشتىكى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىششنى كۆپەيتىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

  بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەرقايسى ئىدارە ئورگانلارنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرىدىن باشقا، ھەر بىر كادىر كەنتلەردە تۇرۇپ بىر يىل خىزمەت قىلىدۇ. پۈتۈن شىنجياڭ بويىچە 200 مىڭ ئورگان كادىرى 3 يىل ئىچىدە بىر قېتىمدىن ئالمىشىپ تۆۋەنگە چۈشىدۇ.

  شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زىمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ ياكاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كادىرلارنى تۆۋەنگە چۈشۈشكە تەشكىللەش ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى ماھىل قىلىش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، ئاممىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىگىلەش، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجياڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇش، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر