يولداش يې فېي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 7-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە يىغىندىن بۇرۇن يولداش يې فېينىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 7-ماي تېلېگراممىسى : يولداش يې فېي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 7-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە يىغىندىن بۇرۇن يولداش يې فېينىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
يولداش يې فېي 6-، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سابىق 1-كومىسسارى ، قوماندانى بولغان . 1955-يىلى گېنېرال ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن ، 1-دەرىجىلىك 1-ئاۋغۇست ئوردېنىغا ئېرىشكەن ، 1-دەرىجىلىك مۇستەقىل ، ئەركىنلىك ئوردېنى ۋە 1-دەرىجىلىك ئازادلىق ئوردېنىغا ئېرىشكەن . 1-نۆۋەتلىكتىن 3-نۆۋەتلىككىچە بولغان دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان .
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنگو سۆھبەت يىغىنىدا يولداش يې فېينىڭ پارلاق تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە ئالدىنقى بىر ئەۋلاد پېشقەدەم پىرولتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ ، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ ، قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىپ ، يېڭىلىق يارىتىپ ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشنى تەكىتلىدى .
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ ياڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى .