- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جاڭ دېجياڭ قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يېيەنبېكوف بىلەن كۆرۈشتى
2014.05.08 09:40 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 6-ماي چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا قىرغىزىستان پارلامنېتىنىڭ باشلىقى يېيەنبېكوف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 6-ماي تېلېگراممىسى : مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 6-ماي چۈشتىن كېيىن ‹‹ خەلق ›› سارىيىدا قىرغىزىستان پارلامنېتىنىڭ باشلىقى يېيەنبېكوف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى : قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ مۇھىم قوشنىسى ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 22 يىلدىن بۇيان ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ ، قوشنىدارچىلىق ، دوستانە ھەمكارلىق روھى تولۇق نامايان قىلىندى . 2013-يىلى 9-ئايدا ، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلىتىڭلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا زىيارەتتە بولدى ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى بىردەك قارار قىلدى . جۇڭگو قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش، قوشنىلارنى ئۈلپەت دەپ بىلىشتەك دىپلوماتىيە سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ ، يېقىن ئۆتۈش ، سەمىمىي بولۇش ، نەپ يەتكۈزۈش ، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەلىپى بويىچە ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن ، جاڭ دېجياڭ بىلەن يېيەنبېكوف ‹‹ جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ›› نى ئورتاق ئىمزالىدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر