- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۈرۈمچىدە دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلدى
2014.05.08 10:11 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يېقىندا ، ئۈرۈمچى يۇقىرى ، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ (يېڭشەھەر رايونى) پەن-تېخنىكا بۆلۈمى «دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى» شەرىپىگە ئېرىشتى . بۇ شىنجاڭ ، ھەتتا غەربىي شىمال رايونىدىكى بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە ، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش بازىسىنى قۇرۇش پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى يولغا قويغان «يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى» نىڭ بىر قىسمى ئىكەن . ھازىر مەملىكىتىمىزدە بۇ نامغا ئېرىشكەن ئورۇندىن 54 ى بار بولۇپ ، مەملىكىتىمىزدىكى 114 دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى ، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ 10 دىن ئارتۇقى مۇشۇ نامغا ئېرىشكەن .
ئۈرۈمچى يۇقىرى ، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ دۇڭۋېي مۇنداق دېدى : «پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ ، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ھاياتىي كۈچ قوشقىلى بولىدۇ » .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر