- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يۈ جېڭشېڭ خەلقچىل پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ بىلەن كۆرۈشتى
2014.05.08 15:29 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 7-ماي بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا خەلقچىل پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 7-ماي تېلېگراممىسى : جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 7-ماي بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا خەلقچىل پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى .
يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى : ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قەدىرلەش ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئەڭ ئاددىي ، ئەڭ كۈچلۈك ئورتاق يۈرەك ساداسى . بىزنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار . ‹‹2-سېنتەبىر ئورتاق تونۇشى ›› دا چىڭ تۇرۇپ ۋە ‹‹ تەيۋەن مۇستەقىللىقى ›› غا قارشى تۇرۇپ ، ئىككى قىرغاقنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار كۆپرەك ئالاقىلىشىپ ، ئالماشتۇرۇش قىلىشى ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك . ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرى دەيدىغان نۇقتىئىنەزەر ۋە پىسخىك ھالەتنى چىقىش قىلغاندىلا ، ئاندىن بىر-بىرىگە بولغان سەمىمىيەت ۋە خەيرىخاھلىقنى ھېس قىلالايدۇ ، قول تۇتۇشۇپ ، مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلالايدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر