باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتى ئون ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئەلنى مايىل قىلدى

2014.05.08 10:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۇچا ناھىيە ئۈچئۆستەڭ يېزا ئارائۆستەڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خاتىرىسى: ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خىزمەت ئەترىتى ئون ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئەلنى مايىل قىلدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئادالەت ئابدۇۋەلى، مەريەم خالىق خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئائىلىلەرگىچە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئەھۋاللىرىنى خۇلاسىلەش ئارقىلىق ئون ئىشنى قىلىپ ئەلنى مايىل قىلىپ ، «ئەل رايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى.

  دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش. كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئارائۆستەڭ كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن ھەرھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بارىدىغان كەم بولسا بولمايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە دەرسى. بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا كەنت كادىرلىرى ، كەنت ساقچىلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇنلىغان كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئۆزلىكىدىن بۇ يەرگە كېلىپ بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىدۇ.

  كۇچا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ غوجىلئېرىق كەنتى ۋە ئارائۆستەڭ كەنتىگە كېلىپ ماكانلاشقاندىن كېيىن « پارتىيە بايرىقى ، دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىش ، قائىدە –تۈزۈملەرنى قاتتىقلاشتۇرۇش ، قوش تىل دەرسخانىسى قۇرۇش ، ئەلنى مايىل قىلىش كارتىسىنى تارقىتىش ، دېھقانلاربىلەن سىردىشىش ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈش ، دېھقانلار بىلەن دوستلىشىش، دېھقانلار بىلەن بىللە مەشرەپ ئويناش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەم بېرىش ، ئاممىنىڭ توي-تۆكۈن ئىشلىرىنى سەرەمجانلاشتۇرۇش » نى تۇتقا قىلىپ ، « ئەل رايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش » پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى زور دەرىجىدە موللاشتۇردى. لېكسىيە سۆزلەش ۋە سىردىشىش ئارقىلىق كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاپ ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر