- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
2014.05.08 09:39 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
6-ماي چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 6-ماي تېلېگراممىسى : مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 6-ماي چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ، سوتلاش ھوقۇقى ، تەپتىشلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ، ئادىل يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى . مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرىدىن چېن جىپىڭ ، شى جوڭيەن ، تاڭ ۋېيجيەن ، شيا شيەنپېڭ ، گوڭ فۇۋېن ، لى يۆفېڭ ، ليۇ خۇڭيۈ ، ۋاڭ لىمىن ، پېڭ شۆفېڭ ، لى رېنجېن ، جۇ جېڭفۇ ، جوڭ شاۋيۈ ، چېن جىليې ، شيې شاڭخۇا ، ۋاڭ جۈنفېڭ ، يې زەنپىڭ قاتارلىق مۇتەخەسسىس ، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا پىكىر بايان قىلىپ ، سوتلاش ھوقۇقى، تەپتىشلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ، ئادىل يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈزۈلمە لايىھەسى ۋە مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشۈشىنى چۆرىدەپ ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى . ئەزالار مۇنداق قارىدى : جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا تەدبىر بەلگىلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېلىپ باردى . دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىمى ، مۇكەممەل ئەدلىيە تۈزۈمى ، ئىلمىي ئەدلىيە ھوقۇقىنى تەقسىملەش ۋە ئۆلچەملىك ئەدلىيە ھوقۇقى يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك . سوتلاش ھوقۇقى ، تەپتىشلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مۇھىم نۇقتا ، شۇنداقلا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈپ تەلەپ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر