باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى بىرىنچى پەسىلدە %9.1 ئاشتى

2014.05.08 10:45         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇختار ئابدۇقادىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى بىرىنچى پەسىلدە 2 مىليارد 762 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئاشقان.

  ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىرىنچى پەسىلدە سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نېفىت خىمىيە، پولات – تۆمۈر، كوكس، پاختا توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھە، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە بولغان تەكشۈرۈش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتتى. مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشىنى ئاكتىپ تەشكىللەپ، كارخانىلاردا ئامبار قالدۇقى بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى. يۇقىرىنىڭ مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېتەكچى كەسىپلەر ۋە تايانچ كارخانىلارنى نۇقتىلىق يۆلەپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. سانائەت رايونىنى ۋاسىتە قىلىپ، سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە باشلامچى كارخانىلارنى زورايتىش ۋە سەرخىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. بۇنىڭ بىلەن بىرىنچى پەسىلدە ۋىلايەت بويىچە پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلارنىڭ ئاشۇرۇلما قىممىتى 2 مىليارد 471 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %8.1 ئېشىپ، كۆلەملەشكەن سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتىنىڭ %93.42 ىنى ئىگىلىدى. چەت ئەل سودىگەرلىرى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىكلەر مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى 79 مىليون يۈەنگە يېتىپ %98.7 ئاشتى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر