باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەيۋەن خەلقچىل پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.08 15:31   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ تەيۋەن خەلقچىل پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ بىلەن كۆرۈشتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ماي چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا تەيۋەن خەلقچىل پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 7-ماي تېلېگراممىسى : جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ماي چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا تەيۋەن خەلقچىل پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى . شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ تارىخ دولقۇنىغا بويسۇنۇپ چىقارغان ئورتاق تاللىشى . پەقەت بىز ‹‹ ئىككى قىرغاق بىر ئائىلە كىشىلىرى ›› دەيدىغان نۇقتىئىنەزەردىن چىقىپ ، قەلبداش بولۇپ، سەمىمىي ، بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشىدىغانلا بولساق ، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەت ، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق .

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تىنچ تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ ، بوران-چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىنى باشتىن ئۆتكۈزدى . ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىكى نەچچە ئون يىللىق بوران-چاپقۇندا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى ، بۇ تارىخىي مۇقەررەرلىك . تىنچ تەرەققىيات ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق تەلپۈنۈشى بولۇپ ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرگە پايدىلىق بولۇپ ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرگە ئورتاق نەپ يەتكۈزىدۇ . بىزنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسەت-تەدبىرلىرىمىز ئۆزگەرمەيدۇ ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان سەمىمىي ھېسسىياتىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويمايمىز ، ‹‹ تەيۋەن مۇستەقىللىقى ›› بۆلگۈنچىلىك سۈيقەستىنى چەكلەشتىن قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز . بىز تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇپ ، ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىپ ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەختىيار ، تىنچ-ئامان ، بەختىلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىدا ۋەزىپە ئېغىر ، يول يىراق بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىگە مۇھتاجمىز . قېرىنداشلاردا پەقەت ئۆزائارا ئىشەنچ بولغاندىلا ، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ئاسان ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپقىلى بولىدۇ . بىز ئاكتىپ شارائىت يارىتىپ ، ئىككى قىرغاقتىدىكى ھەر ساھە ، ھەر قاتلامدىكى خەلقنىڭ ئۇچرىشىشنى كېڭەيتىپ ، يۈتۇرانە چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ، يۈرەك سىرلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ ، چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ ، دىل يىراقلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك .

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى : ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى كەڭ ، داۋاملىق ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك . چوڭ قۇرۇقلۇق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە پايدىلىق شارائىت يارىتىدۇ . ئىقتىسادتىكى بىرلىشىش ئىككى قىرغاقنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىپ گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ ، ھەرقانداق چاغدا ئۇنىڭ دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ . بىز تەيۋەن خەلقى ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام خەلقىنىڭ رېئال ئېھتىياجىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ، ئاكتىپ ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئاجىز ۋەزىيەتتىكى ئومۇمىي توپتىن خەۋەر ئېلىپ ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەن خەلقىنى ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىدا مەنپەئەتلەندۈرىمىز .

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى زىممىسىگە يۈكلىگەن . تېخىمۇ كۆپ چارە-تەدبىر ئويلاپ ، تېخىمۇ كۆپ شارائىت يارىتىپ ، ئۇلارنى كۆپرەك ئالاقە قىلىشقا ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئۈندەش كېرەك ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىنى ھېس قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يۈزلىنىشىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك .

  كۆرۈشۈشتە شى جىنپىڭ سۇڭ چۇيۈ ۋە خەلقچىل پارتىيەسىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئوينىغان مۇھىم رولىغا ئاكتىپ باھا بەردى ھەمدە خەلقچىل پارتىيەسىنىڭ ئىزچىل بىر جۇڭگو مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ ، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى ›› بۆلگۈنچىلىك سۈيقەستىگە داۋاملىق قارشى تۇرۇپ ، تەيۋەندىكى ھەرساھە ئەربابلار بىلەن بىرلىكتە ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغدىشىنى ئۈمىد قىلدى .

  سۇڭ چۇيۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : خەلقچىل پارتىيەسى ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگو مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ ، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى ››گە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت تۈپ ئىدىيەدە قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ، ‹‹ئىككى قىرغاق بىر ئائىلە كىشىلىرى›› دەيدىغان ئىدىيە بويىچە، ئىككى قىرغاقنىڭ سۆھبەتلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى ›› دىن ئىبارەت ئورتاق غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇغۇچى مەنبەسى كىرىزىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىنتىزامىغا خىلاپ كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سەمىمىيەت ئارخىپى…
      ·بېيجىڭ ساقچى تەرەپ تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىنى قوراللىق چارلايدۇ، تاساددىپىي ھادىسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرى يېڭىلانمايدۇ
      ·يۈ جېڭشېڭ: كەسپىي مائارىپ مەسىلىسى مائارىپ مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ۋە ئى…
      ·بۇ يىل 28 ئۆلكىدە ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش يولغا قويۇلدى
      ·2014-يىلى مەملىكىتىمىز بويىچە 9 مىليون 390 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…