- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كىم جوڭئۇن خەلق ئارمىيەسى ھەربىي قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى ماختىدى
2014.05.08 09:52 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
چاۋشيەن ‹‹ ئەمگەك خەۋەرلىرى ›› نىڭ 6-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 1-شۇجىسى ، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى كىم جوڭئۇن كىم جوڭسۇك پيۇڭياڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنى قۇرغان چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ 966-قىسمى ، 462-قىسمى ، 101-قىسمى ۋە 489-قىسمىدىكى ھەربىي قۇرۇلۇشچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن . خەۋەردە دېيىلىشىچە ، ھەربىي قۇرۇلۇشچىلار قۇرۇلۇش خىزمىتىدە چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتلىك دۆلەت قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، چاۋشيەندىكى ئابىدە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشنى تاماملىغان .
قۇرۇلۇشچىلار كىم جوڭئۇننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ‹‹ ياشىسۇن ›› دەپ چۇقان سېلىشقان ، كىم جوڭئۇن ھەربىيلەرگە قاراپ قول پۇلاڭلىتىپ سالام قىلغان ھەمدە قۇرۇلۇشقا قاتناشقان خەلق ئارمىيەسىنىڭ قىسمىغا يۈكسەك باھالارنى بەرگەن .ئۇ ھەربىي قۇرۇلۇشچىلارنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ئىنقىلابىي روھنى نامايان قىلغانلىقىنى ، پارتىيە بەلگىلەپ بەرگەن چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئىشچىلار ياتىقى قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ ، ئەمگەكچىلەرنى ئىللىق ، ئازادە مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشۇشتەك روھىنى نامايان قىلغانلىقىنى ماختىغان . كىم جوڭئۇن خەلق ئارمىيەسى قىسمىنىڭ ۋەتەننى قوغداشتىن ئىبارەت ۋەزىپە ئالدىدا دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش چاقىرىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر