باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلقىمىزنىڭ ئىلھام مەدەتلىرىدە ‹‹شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى›› يەنىمۇ ئىشەنچكە تولىدۇ

2014.05.08 10:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 8 – ئايلانما مۇسابىقىسى 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈشتىن كېيىن (ئۈرۈمچى ۋاقتى 30:2) شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز (ساھىبخان) مەيدانىدا ئوينىغان مۇسابىقىسى بولۇپ، چۇڭچىڭ لىفەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.

  دەسلەپكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇسابىقە مۇداپىئەسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھېچقايسى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشىدىلا شىنجاڭ كوماندىسىدىكى 11 – نومۇرلۇق ماھىر شۈ چىڭنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، مەيداندىكى توپ مەستانىلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تەنتەنە سادالىرىنى ياڭراتتى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىدىكى ماھىرلار باشقىچە جانلىنىپ كەتتى. مۇسابىقە 58 – مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا چۇڭچىڭ لىفەن كوماندىسىدىكى جاڭ چېمىڭنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قالدى. مۇسابىقە ئىككى تەرەپنىڭ تەڭلىشىپ قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. مۇسابىقە باشلانغاندىن تاكى ئاخىرلاشقۇچە، مەيداندىكى 11 مىڭ 350 توپ مەستانىسىنىڭ ھۇررا سادالىرى، ئىلھام مەدەتلىرى ئۈزۈلمىدى.

  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەتتە مەيدان مۇسابىقىنى مېھمان مەيداندا ئويناپ، بىر مەيدان ئۇتۇپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ، ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇپ، جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 13 – ئورۇندا تۇرۇۋاتاتتى. رەقىبى چۇڭچىڭ لىفەن كوماندىسى بولسا تۆت مەيدان ئۇتۇپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ، جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابقىسىدە 5 – ئورۇندا تۇرىدىغان خېلىلا كۈچلۈك كوماندا ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى يەتتە بولۇپ، 13 – ئورۇندىن 12 – ئورۇنغا ئۆتتى.

  بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبۇل كوماندىسى يەنە توققۇز مەيدان ساھىبخان بولۇپ مۇسابىقە ئوينايدۇ. بۇ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت.

  شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى بىزگە شىنجاڭ كەسپىي پۇتبۇلچىلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ زور ئۈمىدكە تولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىزنىڭ ئىلھام مەدەتلىرىدە ئۇلار يەنىمۇ پىشىپ يېتىلىدۇ ۋە ئىشەنچكە تولىدۇ، جۇڭگو پۇتبۇلچىلىقى ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر