باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى يېڭى مەزگىلدىكى يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2014.05.07 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنۋېرىسال تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنى 5-،6-ماي ئېچىلدى. يىغىندا نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنۋېرىسال تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش گەۋدىسىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە بىلەن دوست ئۆتۈشچان يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  مالىيە مىنىستىرى ياردەمچىسى خۇ جىڭلىن يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇنىڭدىن كېيىن يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنۋېرىسال تەرەققىي قىلدۇرۇشتا سېلىنمىنى ئاساسلىقى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇلىدۇ. قۇرغاقچىلىق ھۆلچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، مۇقىملاشتۇرۇش، سۇ تېجەيدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى بەرپا قىلىپ، يېزائىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنۋېرىسال تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۇاڭكۈن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاشلىق بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەش،ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيىسىنى چۆرىدەپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 2014-يىلىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا تۆۋەن مەھسۇلاتلىق ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغۇرۇش رايونىدا سۇ تېجەشنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش بىلەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش ماس قەدەمدە پىلانلىنىدۇ؛ يولغا قويۇلىدۇ؛ ئۈنۈمى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

  يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنۋېرىسال تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئۈستىدە يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنۋېرىسال تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش لازىم. بۇ سېلىنمىنى كۆپەيتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىنمىسى بىلەن نىشان ۋەزىپىسىنى بىرلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر