يەرلىك ئامما تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ زاپچاسلىرىنى تەرمەكتە
ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 5-ماي دەلىللىشىچە ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى سلاۋيانسىك شەھىرىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن .
ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۆز ئايروپىلانىنىڭ توپىلاڭچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەن . ئايروپىلان بىر كىچىك دەرياغا چۈشكەن ، ئىككى نەپەر ئۇچقۇچى ھايات قالغان .