باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتەيلى

2014.05.08 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىدە 7-ماي يولداش شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتىكى ئۈچ نۇقتىئىنەزەر ھەققىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتەيلى ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى. باش سېكرىتار شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە يۆنىلىش ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى. بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش. ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتقاندا شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئۇزۇن بولغان مەسىلە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى.

  ھازىر شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىچكى تاشقى شارائىتىدا ئىنتايىن زور ئۆزگىرىش بولدى.مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە كۆپلىگەن يېڭى ئەھۋال يېڭى ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى. بۇ بىزگە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار شۇنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەككى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىلەر ۋە تېررورىزم بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز. قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈن ھەقىقىي سەمىمىيىتىمىزنى كۆرسىتىپ، دۈشمەنگە بىرلىكتە زەربە بېرىشىمىز كېرەك. دۈشمەنگە قىلچىمۇ ھېسداشلىق قىلماسلىقىمىز لازىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ نىگىزنى توغرا تونۇپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا تەۋرەنمەي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سالىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرغاندىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈللىرى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر