باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى توختامنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمىسە جازالىنىدۇ

2014.05.08 10:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، 30–ئاپرېل ، يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 59 موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش توختامى ›› تارقىتىپ، شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا چوقۇم تەربىيەلەش توختامى ئىمزالىشىنى تەلەپ قىلدى .

  بۇ خادىم يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : شوپۇر تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە توختام ئىشلەتمەسلىكىگە نىسبەتەن ، ئوقۇغۇچىلار 96511 غا تېلېفون قىلىپ ئىنكاس قىلسا بولىدىكەن ، تىرانسپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۇلارغا تەنقىد–تەربىيە ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىدىكەن . ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغاندىن كېيىنمۇ تۈزەتمىگەنلەر قاتتىق جازالىنىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر