باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئوتتۇرا ئاسىيا يادرو قورالسىز رايونى شەرتنامىسى» كېلىشىمنامىسى ئىمزالاندى

2014.05.08 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 7-ماي مۇنداق دېدى: يادرو قورالغا ئىگە بەش دۆلەتنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا يادرو قورالسىز رايونى شەرتنامىسى»كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىشى- يادرو قورالسىز رايون قۇرۇش خەلقئارا مۇساپىسىدىكى چوڭ ئىش، جۇڭگو بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ ۋە بۇنى قارشى ئالىدۇ.

  جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيەدىن ئىبارەت يادرو قورالغا ئىگە بەش دۆلەت 6-ماي نىيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئورگىنىدا «ئوتتۇرا ئاسىيا يادرو قورالسىز رايونى شەرتنامىسى» كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جىيى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن «ئوتتۇرا ئاسىيا يادرو قورالسىز رايونى شەرتنامىسى»كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا يادرو قورالسىز رايونى شەرتنامىسى»كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاش توغرىسىدىكى باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قازاقىستاننىڭ كېلىشىمنامىنى ئىمزالاش داۋامىدا ئوينىغان رەھبەرلىك رولىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردا يادرو قورالسىز رايون قۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق پائال قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر