باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈ جېڭشېڭ سوڭ چۇيۈ بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.08 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا تەيۋەن خەلقپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سوڭ چۇيۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە تىنچ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قەدىرلەش، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاش- ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئەڭ كۈچلۈك ئورتاق يۈرەك ساداسى. بىزنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار. 92-يىلىدىكى ئورتاق تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆز-ئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار كۆپرەك ئالاقە قىلىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن ئىبارەت نۇقتىئىنەزەر ۋە پىسخىك ھالەتنى چىقىش قىلغاندىلا، ئاندىن بىر-بىرىگە بولغان سەمىمىيەت ۋە خەيرخاھلىقنى ھېس قىلالايدۇ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر